Uyghurئاساسىي لۇغەت
دۇكات
دۇنيا تارىخى
مېتال نامى. كۆپىنچە ئالتۇندىن قۇيۇلىدۇ، كۈمۈشتىن قۇيۇلغانلىرىمۇ بار. سىتسىلىيىنىڭ كورۇلى Ⅱ ئاپۇلىيە (ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان) گېرتسوگى بولغاندا تۇنجى قېتىم كۈمۈشتىن قۇيدۇرغان. مېتال ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر ۋېنېتسىيە جۇمھۇرىيىتىدە 1280 - 1284 - يىللىرى ئارىلىقىدا قۇيۇلغان ئالتۇن دۇكات بولۇپ، بۇنداق پۇل <سېكۇن> ياكى <سېكىنو> دەپمۇئاتلاغان. ئىتالىيە، نىدېرلاندىيە، گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە، ئىسپانىيە ۋە دانىيە قاتارلىق ئەللەردە ئىشلىتىلگەن. ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى يېقىن شەرق رايونى بىلەن سودا قىلىش ئۈچۈن تاكى ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئالتۇن دۇكاتنى قۇيدۇرۇپ ئىشلىتىپ كەلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دوختۇر ۋە ساتىراشلار ئىشلىتىدىغان كىچىك قايچا.