Uyghurئاساسىي لۇغەت
دۇگلاس
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1817 - 1895)، ئامېرىكىلىق قۇللۇق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى. ئەسلى نامى فرېدېرىك ئاۋگۇستۇس ۋاشىنگتون بائىلېي بولۇپ، نېگىر قۇلدىن تۇغۇلغان. 1838-يىلى مارىلاند شتاتىدىكى ئېكىنزارلىق مەيدانىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن. ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قۇللۇق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەرىكىتىدە، بەس - مۇنازىرىدىكى سۆز قابىلىيىتى ۋە بىۋاسىتە سەرگۈزەشتسى ئارقىلىق، قۇللۇق تۈزۈمنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان ھەمدە شىكايەت قىلغان. 1841-يىلى ماسساچوسېت شتاتىدىكى قۇللۇق قارشى جەمئىيەتكە قاتناشقان. 1847 - 1860 - يىللاردا <قۇتۇپ يۇلتۇزى گېزىتى> نى تەسىس قىلىپ ھەمدە ئۇنىڭغا تەھرىر بولۇپ، قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. ئامېرىكىنىڭ شىمال - جەنۇب ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قاتناشقان. <فرېدېرىك دۇگلاسنىڭ ھاياتىدىكى كەچۈرمىشلىرى> دېگەن تەرجىمىھالى ئەسىرى بار.