Uyghurئاساسىي لۇغەت
دىڭمېن سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى تەسەۋۋۇپچى خۇفىيە سۈلۈكىگە مەنسۇپ شۆبە سۈلۈك بولۇپ، بۇ سۈلۈكنى گەنسۇ لىڭتيەندىكى دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان خۇيزۇ دىڭ شياڭ قۇرغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ جياچىڭ يىللىرى دىڭ شياڭ يەكەندە بىلىم تەھسل قىلغاندا نەقىشبەندىيە تەلىمىنى قوبۇل قىلغان. گەنسۇغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن لەنجۇ، خېجۇ ۋە تاۋجۇ قاتارلىق جايلاردا دىننى تەبلىغ قىلىپ، بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولغان. ئادىمى كۆپەيگەن. دىڭ شياڭ ۋاپات بولغاندا لەنجۇدىكى خۇالىڭشەنگە دەپنە قىلىنغان. كىشىلەر ئۇنىڭغا ئاتاپ گۈمبەز سېلىپ، بۇ گۈمبەزنى خۇالىڭشەن گۈمبىزى، دەپ ئاتىغان. دىڭمېن گۈمبىزى دەپمۇ ئاتىغان. دىڭ شياڭ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن ۋارىسلىق قىلغۇچىنى بېكىتمىگەن. شۇڭا ئۇنىڭ دىنىي تەشەببۇسلىرى تولۇق داۋاملاشمىغان. لېكىن، ئەۋلادلىرى ئۇنىڭ دىنىي ئىشلىرىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.