Uyghurئاساسىي لۇغەت
دىل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يۈرەك، كۆڭۈل، قەلب:
خاتىرە؛ رەوھ، مەيل، خاھىش، ھەۋەس.
تىغى ھىلالە ئوخشار، ئەي، دىل، ساڭا مۇبارەك.
ئىيدى شەھادەتىڭنى قىلسۇن خۇدا مۇبارەك.
تەجەللى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆڭۈل، يۈرەك، قەلب.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىكىر قىلىدىغان ئورگاندىن چىققان ئوي - پىكىر، ھېس - تۇيغۇ.
يۈرەكتىن چىققان سۆز يۈرەككە يول تاپار. بىر يۈرەككە ئىككى يار سىغماس. كۆز نۇرنىڭ ئۈلكىسى، كۆڭۈل سىرنىڭ ئۇۋىسى. كۆڭلى ساپنىڭ ئىشى تۈز. گۈزەل چىرايدىن گۈزەل كۆڭۈل ئەلا. كۆڭۈل تارتمىغان ئاشنى يېمە. كۆڭۈل كۆتۈرمىگەن ئىشنى قىلما. دىل ئازاردىن خۇدا بىزار. تىلىڭ بىلەن دىلىڭ بىر بولسۇن. قەلبى گۈزەل - مەڭگۈ گۈزەل. چىراي گۈزەللىكىدىن قەلب گۈزەللىكى ئەلا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
كۆڭۈل، قەلب، يۈرەك، ئىچكى روھىي دۇنيا.
دىلىمدا ئۇنىڭغا مۇھەببەت پەيدا بولدى، قىزنى نىكاھىمغا ئالدىم.
كۆڭۈلدىكى نىيەت، مەقسەت، پىكىر، ئوي - خىيال قاتارلىق نەرسىلەر.
يارىماس گەپنى تىلىڭدىن كۆرمە، دىلىڭدىن كۆر (ماقال).
كىشىنىڭ خاتىرىسى، ئەس، ياد.
قولۇڭدا قارچىغاڭ بولسا، <قۇ> نىڭ نېمە ئىشى؛ دىلىڭدا ئاللا بولسا، <ھۇ> نىڭ نېمە ئىشى.