Uyghurئاساسىي لۇغەت
دىلئارام
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
دىلغا ئارام بەرگۈچى، مەھبۇبە، مەشۇق، يار، جانان:
دىلئارام كۆپ ئېرۇر، دىلدار كەمدۇر،
بۇ ئىشتىن جانغە پۇر دەردۇ ئەلەمدۇر.
خىرقەتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دىلنىڭ ئارامى، كۆڭۈلنىڭ ياكى دىلنىڭ خۇشاللىقى.
ناخشا - مۇزىكا مېنىڭ كۈچ - قۇدرىتىم، دىلئارامىم، مەن ئۇنىڭدىن بىر كۈنمۇ ئايرىلالمايمەن.
كۆڭۈلنى خۇشال قىلغۇچى، شادلاندۇرغۇچى.
مەن ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك دىلئارامى بولۇپ قالغۇدەك ۋە مەڭگۈ ئۇنىڭ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك سكزلەرنى ئېيتماقچى بولدۇم - يۇ، ئەمما مۇۋاپىق سۆز تاپالمىدىم.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(پارىسچە)
كۆڭۈلگەن تەسكىن، ئارام بەرگۈچى؛ سۆيۈملۈك قىز.