Uyghurئاساسىي لۇغەت
دېمبوۋىسكى
دۇنيا تارىخى
(1822 - 1846) پولشالىق ئىنقىلابىي دېموكرات، پەيلاسوپ، ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1839-يىلى پولشا خەلق ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. كېيىن ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. 1842 - 1843-يىللىرى <ئىلمىي ئوبزور> دېگەن ئەدەبىي ئىلمىي ژۇرنالنى چىقىرىپ، ئىلغا پەلسەپىۋى ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىپ، كىشىنى كىشى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلمايدىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمنى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1845-يىلى گالىتسىيىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەييارلىق خىزمىتى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان. 1846-يىلى كىراكوف قوزغىلىڭىدا مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرائىيە كاتىپلىقىغا سايلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلىي رەھبەرلىرىدىن بولۇپ قالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قېتىملىق نامايىشقا رەھبەرلىك قىلىۋاتقاندا ئاۋسترىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.