Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دېمبوۋىسكى
دائىرە: دۇنيا تارىخى邓波夫斯基
dèng bō fū sī jī
(1822 - 1846) پولشالىق ئىنقىلابىي دېموكرات، پەيلاسوپ، ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1839-يىلى پولشا خەلق ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. كېيىن ئاساسلىق رەھبرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. 1842 - 1843-يىللىرى <ئىلمىي ئوبزور> دېگەن ئەدەبىي ئىلمىي ژۇرنالنى چىقىرىپ، ئىلغا پەلسەپىۋى ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىپ، كىشىنى كىشى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلمايدىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمنى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1845-يىلى گالىتسىيىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەييارلىق خىزمىتى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان. 1846-يىلى كىراكوف قوزغىلىڭىدا مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرائىيە كاتىپلىقىغا سايلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلىي رەھبەرلىرىدىن بولۇپ قالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قېتىملىق نامايىشقا رەھبەرلىك قىلىۋاتقاندا ئاۋسترىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.