Uyghurئاساسىي لۇغەت
دېمەك
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
1. دېيىش، سۆزلەش.
نېمە دېدىڭىز؟* بارمايمەن دېدىڭىزمۇ؟ * شارابقا كەتكەن پۇلنى دېمە، ئېلىشقان ئەقىلنى دە.* كەل دېمەك بار، كەت دېمەك يوق ( ماقال ).
بۇ گۈمبەز ئاستىدا ياڭرات خۇش سادا،
نېمىنى دېسەڭ ئۇ قاتۇرار ساڭ .
2. ئاتىماق، ئاتاش. بۇنى نېمە دەيمىز؟* بۇ قۇرتنى نېمە دەيمىز؟ * « كىم ئىدى »دېمە، « كىم بولىمەن » دە.* خىزمەت كۈرەش دېمەكتۇر.
3. ئوي، خىيال. تىل كۇرسىدا ئوقۇي دەۋەتىمەن.* بۇ يىل كۈزدە توي قىلساممىكىن دەيمەن.
4. مەقسەت، كۆزدە تۇتۇش. سېنى دەپ كەلدىم.* جىقنى دەپ، ئازدىن قۇرۇق قاپتۇ ( ماقال ).
قىزىل گۈلنى دېمىسەم،
غۇنچىسىنى ئۈزگۈم يوق.
سەن يارىمنى دېمىسەم،
بۇ شەھرىڭدە تورغۇم يوق.
5. سەۋەب، ۋەج. خاپا بولۇپ قالدى دەپ بارمامسەن؟ * يامغۇر ياغىدۇ دەپ بارمىدىڭمۇ؟* كېچىنى كېچە دېمەي، كۈندۈزنى كۈندۈز دېمەي.
6. ئىش ھەرىكەتنىڭ بولۇش ئالدىدا ياكى تۈگەش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاش پىشاي دەپ قالدى.* بۈگۈن يامغۇر ياغاي _ ياغاي دەپ تۇرىدىغۇ!
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى سۆز.
يىغىپ ئېيتقاندا، قىسقىسى، يەنى دېگەندەك مەنىلەرنى بېرىدۇ، جۈملىدە قىستۇرما سۆز بولۇپ كېلىدۇ.
دېمەك، بۈگۈن بارمايمەن دېگىن.* بىز بارىمىز، دېمەك، ئىش پۈتىدۇ.
ئۆمۈرنى پايدىسىز ئۆتكۈزۈش دېمەك،
ئالمىغان نەرسىگە ئالتۇن تۆلىمەك.
* * *
سۆزىدە ھىچ بىلىم بولمىسا، دېمەك،
جىمجىت ئولتۇرۇش ئەڭ ياخشى بېزەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىزاھ باغلىغۇچى، ئالدىدا ئېيتىلغان پىكىرنى يىغىنچاقلاش، ئېنىقلاش، تولۇقلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
ئۆمۈرنى بىكار ئۆتكۈزۈش دېمەك، ئالمىغان نەرسىگە ئالتۇن تۆلەش. تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يەنى دۆلىتىمىزنى كۈچلۈك - باي سوتسىيالىستىك مەملىكەت قىلىپ چىقىش _ ھازىرقى مۇھىم ۋەزىپىمىز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەقسەتنى تىل بىلەن ئۇقتۇرماق، چۈشەندۈرمەك، سۆز قىلماق.
سۆزلىگەندىن سۆزلىمىگەن ياخشىراق. ئاۋۋال ئويلا، ئاندىن سۆزلە. تۈز كەس، توغرا ئېيت. «ئا» نى ئېيتقان ئىكەنسەن، «ب» نىمۇ ئېيت. دەپ - دەپ دەردىڭنى ئال. چۈشكە نېمە كىرمەيدۇ، دۈشمەن نېمە دېمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئاغزاكى ياكى يازما رەۋىشتە بىرەر پىكىر بىلدۈرمەك، ئېيتماق، سۆزلىمەك.
ئوقۇدۇم دېگۈچە بىلدىم دېگىن (ماقال).
كەل دېمەك بار، كەت دېمەك يوق (ماقال).
دەپ ئاتالماق، دەپ ئېيتىلماق.
بۇ، ئۇنىڭ <ئىجتىمائىي ئىنقىلاب> دېگەن كىتابچىسىدۇر.
ھېسابلىماق، سانىماق.
بالىنى بالا دېمە، شىرنىڭ بالىسىمۇ بالا (ماقال).
بالا ئانىسىنى يامان دېمەس، ئىت ئىگىسىنى گاداي دېمەس (ماقال).
ئويلىماق؛ پەرەز، مۇلاھىزە قىلماق.
ماقۇل، شۇنداقمۇ دەيلى، ئەمما ئۇ بىز دېگەندەك ئۆزى يالغۇز كەلمەي تۆت - بەش ئادەم بىلەن كەلسە، قانداق قىلىمىز.
كۆزلىمەك.
بۇ يولدا مەن سىزنى دەپ كۆپ جاپا چەكتىم.
سېنى دەيمەن، سېنى دەيمەن، باشقىنى يار دېمەيمەن، بىرى ماڭا يار دېگىن دەپ ھەسەل بەرسە يېمەيمەن.
(پېئىلنىڭ شەرت مەيلىدە كېلىپ) بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى بېجىرمەك ياكى بېجىرىشكە ئۇرۇنماق.
بىز باشقا ياققا بارالماي ئاچلىقتىن ئۆلەي دېدۇق.
ئىسىمداش شەكلىدە جۈملىنىڭ خەۋىرى بولۇپ كېلىپ،<دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ> <دېگەن بولىدۇ> دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ.
بىر ئادەمنى چۈشىنىش - ئۇنىڭ زىددىيەتلىك تەرەپلىرىنى كۆرۈش دېمەكتۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يۈكلەنمە
كۆپىنچە جۈملىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئابزاسنىڭ بېشىدا قىستۇرما سۆز رولىدا كېلىپ، مەزكۇر سۆزنىڭ ئالدىدا ئېيتىلغان پىكىرنىڭ يەكۈنلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
دېمەك، ئادەمنىڭ ھاياتى ئۈچۈن تۆت خىلىت ۋە ئۇنى تولۇقلىغۇچى بىر مۇنچە ئامىللارمۇ بولۇشى لازىم.