Uyghurئاساسىي لۇغەت
دەڭسىمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆلچىمىنى تاپماق، ئېنىقلىماق.
يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس. مالنىڭ قىممىتىنى ئورىلىشىغا قاراپ ئۆلچىمە. مۇھەببەتنى ساۋات بىلەن ئۆلچىگىلى بولماس. شۇئان دەڭسەپ كۆرۈپ، ئېغىرلىقىنى بىلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر نەرسىنى قول بىلەن كۆتۈرۈپ مىقدارىنى پەرەز قىلماق، بودىماق، قىياس قىلماق.
ئۇ سومكىدىكى گۆشنى ئۇياق - بۇيېقىغا ئۆرۈپ كۆرگەندىن كېيىن قولىغا ئېلىپ دەڭسەشكە باشلىدى.
بىرەر ئىش - ھەرىكەت، گەپ - سۆزنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى ياكى ئاقىۋىتىنى ئۆز كۆڭلىدە قىياس قىلماق، مۆلچەرلىمەك.
زەينەپ دادىسىنىڭ گەپلىرىنى كۆڭلىدە دەڭسەپ كۆرۈپ، بۇنىڭ پاكىت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.