ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
نەق، تازا، توپتوغرا.
بۇ مەن ئىزدىگەن ئادەمنىڭ دەل ئۆزى.
يامغۇر دەل ۋاقتىدا ياغدى.
بەئەينى؛ تامامەن، پۈتۈنلەي.
ھەمراھىمنىڭ سۆزى دەل ئويلىغان يېرىمدىن چىقتى.
مۇۋاپىق، ئورۇنلۇق، يولىدا، لايىقىدا.
شۇ ئارقىلىق جىنايەتچىلەرگە پۇختا، دەل، قاتتىق زەربە بەردى.