Uyghurئاساسىي لۇغەت
دەلائىل خەيرات
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/212
بۇ ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نام - سۈپەتلىرى تەرىپلەنگەن ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ئىبراھىم ئىبن نۇر مۇھەممەد فورماتى: 16 × 12 سانتىمېتىر، 206 بەت. ئەرەبچە. ھىجرىيە 1286 - يىلى تاش مەتبەئەدە بېسىلغان نۇسخا.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/236
بۇ ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نام - سۈپەتلىرى تەرىپلەنگەن ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ئىبراھىم ئىبن نۇرمۇھەممەد. فورماتى: 25 × 18 سانتىمېتىر، 526 بەت. ئەرەبچە، ھىجرىيە 1264 - يىلى تاش مەتبەئەدە بېسىلغا نۇسخا.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/257
بۇ ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرىپلىرى، ئاللاغا سېغىنىش ۋە ياخشى ئىشلارغا دالالەت قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: موللا مۇھەممەد نەزەر ئىبن ئابدۇرەسۇل. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى: ھىجرىيە 1284 - يىلى. فورماتى: 24 × 17 سانتىمېتىر، 430 بەت. پارسچە، قول يازما.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/991
بۇ ئەسەر ئاللانىڭ سۈپەتلىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 18 × 13 سانتىمېتىر، 200 بەت. ئەرەبچە، قول يازما.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/1160
بۇ ئەسەر ئەدەب - ئەخلاق مەسىلىلىرى سۆزلەنگەن ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: مەۋلانە سەيد ئەبۇ ئابدۇللا ئىبن سۇلايمان جەزۋەلى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26 × 19 سانتىمېتىر، 237 بەت. پارسچە، قول يازما.