Uyghurئاساسىي لۇغەت
دات زەمبۇرۇغى
بىئولوگىيە
زەمبۇرۇغلار تىپى، بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار سىنىپى، دات زەمبۇرۇغى ئەترىتى ( Uredinales) گە كىرىدۇ. ھەممىسى بۇغداي تۈرىدىكى زىرائەتلەر، مېۋىلىك دەرەخلەر، كۆكتاتلار، قارىغاي ۋە ئارچا قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىسادىي زىرائەتلەردە پارازىتلىنىدۇ. دات زەمبۇرۇغى ئادەتتە پارازىت ئىگىسىنىڭ يۈزىدە سېرىق، قىزغۇچ سېرىق ياكى تۆمۈر دېتى رەڭگىدىكى كېسەللىك توچكىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، شۇڭا دات زەمبۇرۇغىنى تىپىك مەخسۇسلاشقان پارازىتلىنىدىغان زەمبۇرۇغ، سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆستۈرگىلى بولمايدۇ دەپ قارىلىپ كەلگەن، ھازىر ئۇنىڭ ھايات تارىخى سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن ئۆستۈرگۈچتە تاماملاندى. ئۇنىڭ زمبۇرۇغ يىپچە تېنى پارازىت ئىگىسىنىڭ ھۈجەيرە ئارىلىقىدا ياشايدۇ، شورىغۇچى ئورگانلىرى ھۈجەيرىىنى تېشىپ كىرىپ ئۇزۇقلۇق سۈمۈرىدۇ، دات زەمبۇرۇغىنىڭ ھايات تارىخىدا كۆپ خىل تىپتىكى سپورىلار ھاسىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تىپىدىكلىرىدىن جىنىسىي سپورا، دات سپورا، يازلىق سپورا، قىشلىق سپورا ۋە بازىدىيىلىك سپورىدىن ئىبارەت بەش خىلى بار. سپورىلار ئاساسەن ھاۋا ئېقىمىغا تايىنىپ تارقىلىدۇ. بەزى دات زەمبۇرۇغىنىڭ ھايات تارىخى بىر خىل پارازىت ئىگىسىدە تاماملىنىدۇ، بۇ بىر پارازىت ئىگىسىدە پارازىتلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ؛ بەزى دات زەمبۇرۇغىنىڭ ھايات تارىخى ئىككى خىل پارازىت ئىگىسىدە تاماملىنىدۇ، بۇ پارازىت ئىگىسىنى ئالماشتۇرۇپ پارازىتلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ، دات زەمبۇرۇغىنىڭ مورفولوگىيىلىك جەھەتتىكى كۆپ خىللىقى فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىكى پارازىت ئىگىسىنى ئالماشتۇرۇپ ياشىشى ھەمدە فىزىئولوگىيىلىك كىچىك تۈرى نىسبەتەن ئالاھىدە بولىدۇ. مەسىلەن، بۇغداينىڭ تاياقسىمان دات زەمبۇرۇغى (Puccinia graminis f. tritici) نىڭ ھايات تارىخىدا يۇقىرىقى بەش خىل سپورا ئارقا - ئارقىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بۇغدايدا يازلىق سپورا بىلەن قىشلىق سپورا ھاسىل قىلىدۇ، قىشلىق سپورىدىن بازىدىيىلىك سپورا ھاسىل بولىدۇ. زىرىقتا جىنىسلىق سپورا بىلەن دات سپورىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. دات زەمبۇرۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇللىرىدىن كېسەلگە قارشى سورت يېتىشتۈرۈش، ئالماشتۇرىدىغان پارازىت ئىگىسىنى يوقىتىش، دورا ئىشلىتىش ياكى مۇھىت شارائىتىنى ياخشىلاش قاتارلىقلار بار.