Uyghurئاساسىي لۇغەت
داجۈيۆ دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
ۋيېتنامنىڭ دىڭ سۇلالىسى (968 - 980)، چيەنلى سۇلالىسى (980 - 1009) ۋە لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى (1009 - 1054) دۆلەت نامى. مىلادى 968-يىلى دىڭ بۇلىڭ 12 بەگلىكنى يوقاتقاندىن كېيىن قۇرغان دۆلەت. 973-يىلى سۇڭ سۇلالىسى دىڭ بۇلىڭغا ھىندىچىنى ئايمىغىنىڭ ئىنانچىسى دېگەن نام بېرىپ، ئۇنى ۋاسسال قىلىۋالغانىدى. ۋيېتنام شۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ ۋىلايەت - ناھىيە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغان. داجۈيۆ دۆلىتى ۋيېتنام تارىخىدىكى ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان تۇنجى فېئوداللىق دۆلەت بولۇپ قالغان. خۇالۇي (ھازىرقى نىڭپىڭ) دىڭ سۇلالىسى، چيەنلى سۇلالىسىنىڭ پايتەختى، شېڭلۇڭ (ھازىرقى خانۇي) لى سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بولغان. ئۇنىڭ زېمىنى بۈگۈنكى ۋېيتنامنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. 1050-يىلى لى شېڭزۇڭ نامىنى بۈيۈك ۋيېتنام دەپ ئۆزگەرتكەن.