Uyghurئاساسىي لۇغەت
داتلاشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
نەم ھاۋانىڭ ئوكسىدلىشىدىن تۆمۈر، مىس قاتارلىق مېتاللارنىڭ يۈزىدە بىر قەۋەت ماددا پەيدا بولماق، دات باسماق.
پارتىزانلار كۈن چىققۇچە ئاۋارە بولۇپ، داتلاشقان يەتتە تال مىلتىقلا تاپتى.
كۆچمە. ئىقتىدارى بۇرۇنقىدىن ئاجىزلاشماق.
مېڭەم داتلىشىپ قاپتۇ، ئۇنتۇپتىمەن، ئەمدى ھوشۇمغا كەلگەندەك بولدۇم.