Uyghurئاساسىي لۇغەت
دار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ياغاچ:
دار:
ھويلا، ئۆي - جاي، ماكان؛ ئوچۇقچىلىق، دالا، مەھەللە؛ شەھەر، دۆلەت:
1. ... ھەمول ئۇچۇردە بىر كارۋان ئول چاھ باشىغە تۈشۈپ،
چاھغە دار سالب، يۇسۇف ئەلەيھىسسەلامنى چاھدىن چىقاردىلەر.
نەۋايى.
2. قىلدۇرۇڭ سىز يانە بۇ ئەرزىمنى، ئەي ئەھبابلار،
جەۋر - زۇلمى بىرل ەئاسسۇن شۇم رەقىبىنى دارغە.
قەلەندەر.
3. كىرىپ سۆز ئىششتىم بۇ شەھ دارىغە،
خەيالىم ئىلىنسەم ئانىڭ تارىغە.
ئا. نىزارى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يامان ئات - ئۇلاغلارنى تاقىلاش ۋاقتىدا ئېسىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ئىككى تۈۋرۈك ئۈستىگە كۈندىلەڭ مىخلاپ ياسالغان قۇرۇلما.
ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان كىشىنى ئېسىپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ياسالغان قۇرلما.
يەرگە تىك ئورنىتىلغان ئېگىز ياغاچقا ئارغامچا - ئارقانلار چىڭ تارتىلىپ ياسالغان، دارۋازلار ماھارەت كۆرسىتىدىغان قۇرۇلما.
كەڭ مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا دار باغلاندى.