Uyghurئاساسىي لۇغەت
دارا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىگە، ساھىب.
شاھ، پادىشاھ.
دارا - داريۇس ئىراننىڭ رىۋايەت دەۋرىدىكى كىيانىيان سۇلالىسىنىڭ 5 - پادىشاھى. :
قانى ئىسكەندەرۇ دارا، قانى جەمشىد، ئەفرىدۇن،
نەسىب ئەتمەي ئۇلارغە تەختىدە ئىچمەككە جامى جەم.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ھەمىشە، دائىما، ئەبىدى، مەڭگۈ؛ جىلغا، چەت، ئوچۇقچىلىق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىگە بولغۇچى، ئىگەللىگۈچى؛ باي، كۈچلۈك؛ شاھ.
شىۋىلەر
ئېقىن، جىرا، ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدىكى سۇ ئاقىدىغان جىلغا. مەسىلەن: ئات چاپسا گۈمبۈرلەر تاغنىڭ داراسى، ئۇرۇشتا بىلىنەر مەرتنىڭ ساداسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تىك چوققىلىق تاغ، تاغنىڭ چوققىلىق جايلىرى؛ بارا.
ئەخمەت قۇتاي قاراقۇرۇم (قاراڭغۇ تاغ) تىزمىلىرىنىڭ ئەڭ يىراق ئىچكى دارىلىرىدا 30 يىل تۇرغانىدى.