Uyghurئاساسىي لۇغەت
دادىغا يەتمەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
دادىنى ئەرزىنى ئاڭلىماق، تىڭشىماق:
ھەرچەندە ئىشىكىڭدە سەھەرلەر قىلارمەن داد،
دادىغا قانى يەتكەنىڭ، ئەي زالىمى بىداد.
زەلىلى.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ھېسداشلىق قىلماق، خەير - خاھلىق قىلماق، ھالىغا يەتمەك، دەردىگە دەرمان بولماق: ھويلىدىكى كارىۋاتنى بەش تاختايدا ئەتكەنمۇ؟ ئىلى يولى چۆللەردە سەن دادىغا يەتكەنمۇ؟