Uyghurئاساسىي لۇغەت
چاقىرماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالدىغا كېلىشكە ئۈندىمەك.
ھېچكىم تۈنۈگۈننى چاقىرىپ كېلەلمەس. ئادەم قىچقارسا بارمايدۇ، ئاش قىچقارسا قالمايدۇ. كاككۇك ئۆز ئىسمىنى قىچقىرار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چايغا _ مېھمانغا تەكلىپ قىلماق.
دوست چىللىسا قالما، دۈشمەن چىللىسا بارما. ئېيتماقنىڭ ئېتى ئۇلۇغ. چاقىرغان يەردىن قالما، چاقىرمىغان يەرگە بارما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئاۋاز چىقىرىپ خەۋەردار قىلماق، قىچقارماق.
دوستىنى چاقىرماق.
تەكلىپ قىلماق، چىللىماق.
مېھمانغا چاقىرماق.
چاقىرغان يەردىن قالما، چاقىرمىغان يەرگە بارما (ماقال).
دالالەت قىلماق، دەۋەت قىلماق، سەپەرۋەر قىلماق، ئۈندىمەك.
كۈرەشكە چاقىرماق. چېلىشقا چاقىرماق.
ئۇيۇشتۇرماق، ئاچماق.
كېڭەش چاقىرماق. يىغىن چاقىرماق.