Uyghurئاساسىي لۇغەت
چاقىرىم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۇرۇنقى ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى، 500 مېتىرچە كېلىدۇ.
ئۈرۈمچى بىلەن بېيجىڭنىڭ ئارىلىقى 8639 يول كېلىدۇ. ئەقىلدىن ئازغاندىن ئىككى چاقىرىم قاچ. ئات ھارۋىسى كۈنىگە ئاران 40 - 30 پوتەي يول يۈرىدۇ.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
چاقىرىم - شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، پىشقەدەملەرنىڭ ئېيتىشىچە بامدات نامىزىغا توۋلانغان ئەزان ئاۋازى يېتىدىغان ئارىلىق بىر چاقىرىم بولىدىكەن.
بۇرھان شەھىدى تۈزگەن ئۈچ تىللىق لۇغەتتە <چاقىرىم> - رۇسلارنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى <ۋىرىستا> بىلەن ئوخشاش دېيىلگەن. بىر ۋىرىستا 1.068 كىلومېتىر كېلىدۇ. «قەشقەرىيە» دېگەن كىتابتا خاتىرىلەنگەن <چاقىرىم> بۇنىڭ يېرىمىغىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. كروپاتكىننىڭ ئېيتىشىچە چاقىرىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 200 ساژىن (روسىيە جاڭى) بولۇپ، تەخمىنەن 426.8 مېتر كېلىدىكەن. چى سىستېمىسى بويىچە بولغاندا، بىر چاقىرىم 1800 چى بولۇپ، تەخمىنەن 576 مېترغا تەڭ كېلىدىكەن. بۇلارنى سېلىشتۇرغاندا پەرق بەك چوڭ. شۇڭا، بۇلار مۆلچەر سان بولۇشى مۇمكىن.
<ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى> دە: چاقىرىم - مېتر سىستېمىسى قوبۇل قىلىنغىنىغا قەدەر قوللىنىلغان يەرلىك ئۆلچەم بىرلىكى. بىر چاقىرىم ئۇزۇنلۇق 1.06 كىلومېترغا تەڭ كېلىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مېتىر سىستېمىسى قوبۇل قىلىنغانغا قەدەر قوللىنىلغان يەرلىك ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. بىر چاقىرىم ئۇزۇنلۇق ئادەتتە 1.06 كىلومېتىرغا تەڭ كېلىدۇ.