Uyghurئاساسىي لۇغەت
چاقىلدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چېقىلدى.
چاقماق چاقىلدى _ چاقماق چېقىلدى. تاشقا بىر نەرسە ئۇرۇلۇش بىلەن ئوت چىقسا، « تاش چاقىلدى» دېيىلىدۇ. سۆز قۇلاققا چاقىلدى _ سۆز قۇلاققا چېقىلدى، يەنى يەتكۈزۈلدى، قۇيۇلدى ( چاقىلۇر _ چاقىلماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
يۈگۈردى كەۋەل ئات
چاقىلدى قىزىل ئوت
كۆيۈردى ئارۇت ئوت
ساچراپ ئانىن ئۆرتەنۈر
«يورغا ئات يۈگۈردى،
قىزىل ئوت چېقىلدى،
قۇرۇق ئوتنى كۆيدۈردى،
چاچراپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆرتىنەر.»
ئاتنىڭ يۈگۈرىشى تەسۋىرلىنىپ شۇنداق دېيىلىدۇ: يورغا ئات چاپقاندا ئۇنىڭ تۇياقلىرىدىن ئوت چاقناپ، قۇرۇق ئوت - چۆپلەر كۆيۈپ كەتتى.
2 - 187