Uyghurئاساسىي لۇغەت
چان چان خارابىسى
دۇنيا تارىخى
لاتىن ئامېرىىكسى كېيىنكى كلاسسىك دەۋرىدىكى چىمۇ پادىشاھلىقى پايتەختىنىڭ خارابىسى. پېرودىكى تروجىللو شەھىرىنىڭ غەربىي شىالىغا تەخمىنەن 25 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، قەدىمكى پېرودىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ. شەھەر سېپىل بىلەن قورشالغان بولۇپ، ئون كوچىغا ئايرىلغان، ھەربىر كوچا تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە ياسالغان بولۇپ، چوڭ - كىچىكلىكى تەڭ، ئۇزۇنلۇقى 400 مېىر، كەڭلىكى 200 مېتىر كېلىدۇ. تۆت ئەتراپى كوچا تېمى بىلەن ئورالغان بولۇپ، قېپقلغان كوچا تېمىنىڭ ئېگىزلىكى ئون مېتىر كېلىدۇ. كوچىدا پىرامىدا (بۇتخانا)، ئۆي - جاي، بازار، سۇ ساقلاش كۆلى، باغچا قاتارلىقلار بولغان. قۇرۇلۇشلارغا كېسەك ئىشلىتىلگەن بولۇپ، سىرتى سۇۋالغان، بەزى تاملار قۇش، بېلىق، چاقماق قاتارلىق گېئومېتىرىيىلىك سىزىقلار بىلەن قارپارتما نەقىش چقىرىپ زىننەتلەنگەن. ھەرقايسى كوچىلار ئوتتۇرىسىدكى بوش يەرلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئېتىز - ئېرىق، سۇ ساقلاش كۆلى ۋە قەبرىستانلىق بولغان. برونزا ئەسۋابلارنى قۇيالايدىغان بولغان. ساپال ئەسۋابلار پارقىرىتىلغان قارا ساپال قاچىلارنى ئالاھىدىلىك قىلىدۇ، ئەسۋابلاردىن (ئۈزەڭگە شەكىللىك چوگۇنلار) نى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ، جەنۇبنىڭ چەينىكىنى مەنبە قىلغانلىرىمۇ بار. توقۇلما بۇيۇملار ئىنتايىن نەپىس بولغان، گۈللۈك يىپەك رەختلەرنى بوياش ئۇسۇلىنى بىلگەن، يەنە رەڭلىك پەينى پاختا رەختكە تىكىپ باش كىيىمى ياساشنى بىلگەن. 1470-يىلى ئۆپچۆرىسىدە چىمۇ پادىشاھلىقى ئىنكا ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.