Uyghurئاساسىي لۇغەت
چانا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ياغاچ ياكى مېتالدىن ياسالغان، مۇز ياكى قارلىق يولدا تېيىلىپ ماڭىدىغان سايمان، قاتناش قورالى. ئۇنىڭ تۈرى ناھايتى كۆپ.
چانا تارتماق.* چانا قاتماق.* چانا تەنھەرىكىتى.* يازدا چاناڭنى تەييارلا، قىشتا ھارۋاڭنى ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
چانىماق، چاناش. 1. پىچاق، پالتا قاتارلىق سايمانلار بىلەن توغرىماق، كەسمەك، پارچىلىماق، ئۇۋلىماق.
گۆش چانىماق.* پىياز چانىماق.* چاناپ ئۆلتۈرمەك.* چاناپ تاشلىماق.
2. چاپماق، قازماق، بوشاتماق. يەر چانىماق.* ئېتىزنى كەتمەن بىلەن چاناپ تېرىماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
ياغاچ ياكى مېتالدىن ياسالغان، مەخسۇس مۇز ياكى قار يولىدا تېيىلىپ ماڭىدىغان بىر خىل قاتناش قورالى.