Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۇئوناروتتى
دۇنيا تارىخى
(1761-1837) فرانسىيە ئىنقىلابچىسى، خىيالىي كوممۇنىزمچى، بابېفنىڭ دوستى. ئىتالىيىدە ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپتە رۇسسۇنىڭ مۇرىتى بولغان. فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ دەسلىپىدە كورىسكادا ئىنقىلابقا قاتناشقان. 1793-يىلى خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن فرانسىيە تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ، تەۋرەنمەس ياكوبىنچىلاردىن بولۇپ قالغان. تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، 1793-يىلى 3-ئايدا قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە بابېف بىلەن تونۇشقان. شۇ يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قەدىمكى ئەجدادلار ئىبادەتخانىسى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، بابېفنىڭ مەخپىي قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش كومىتېتىغا قاتنىشىپ، باراۋەرچىلەر ھەركىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. 1796-يىلى 5-ئايدا جاسۇسنىڭ ئاشكارىلاپ قويۇشى بىلەن قولغا ئېلىنغان. 1797-يىلى تۈرمىگە چۈشكەن. 1800-يىلى سۈرگۈنگە ئۆزگەرتىلگەن.غەربىي ياۋرۇپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن مەزگىلدە، بىرمۇنچە مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبىرىي خادىمى بولغان. 1830-يىلى ئىيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن پارىژغا قايتىپ كېلىپ، داۋاملىق ئىنقىلابىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، بلانكىچىلارغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. <باراۋەرلىك ئۈچۈن سۈيقەست>دېگەن كىتابى بابېفىزملىق مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.