Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۇت
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئاياق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بۇت، بۇتپەرەسلەرنىڭ چوقۇنىدىغان خۇداسى. كۆچمە مەنىسى: يار، مەشۇقە، ھېيىقمايدىغان، رەھىم قىلمايدىغان مەھبۇب؛ بۇتى ئازارى - بۇت سۆيگەن يار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۇددا دىنىغا ئىشنىدىغانلار سەجىدە قىلىش ئۈچۈن ياسىۋالغان ئادەمسىمان ھەيكەل.
بۇتقا ئىشەنمەيدىغان كىشىگە بۇت يىراق، ئىرادىسىز ئادەمگە يول.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بىر خىل قىممەتلىك، چوڭ يېشىل چەش (پېروزە) بولۇپ، ئۇلۇغلارنىڭ ئوغۇل ۋە قىزلىرى ماڭلىيىغا تاقايدۇ. قىز بۇت ئۆرىدى _ قىز پېروزە تاقىدى.
3 - 166
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇلۇغلارنىڭ سوۋغىسىنى ئېلىپ كەلگەن كىشىگە بېرىلىدىغان ئىنئام، مۇكاپات. بىر كىشىنىڭ سوۋغا قىلىپ ئەۋەتكەن ئېتىنى ئېلىپ كەلگەن كىشىگە بېرىلىدىغان تىللا ياكى قويغا ئوخشاش نەرسىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشىتىلىپ « بۇت» دېيىلىدۇ.
3 - 166
بىئولوگىيە
بۇددا دىنى ئىلاھىنىڭ نامى
بىئولوگىيە
پۇت، ئاياغ، پاچاق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دىن
بۇددا دىنى ۋە بەزى دىن مۇرتلىرىنىڭ خۇدا دەپ بىلىپ سەجدە قىلىش ئۈچۈن تاش، ياغاچ، لاي، گەج ياكى مېتال قاتارلىقلاردىن ياسالغان ئادەم ۋە ھايۋانات قاتارلىقلارنىڭ شەكلى، ھەيكەل.