Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۇ
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ھىد، ئىس: مۇشكىن بۇ - مۇشك ھىدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆرسىتىش ئالماشلىرى. سۆزلىگۈچىنىڭ ئۆزى كۆرۈپ تۇرغان ياكى ئۇنىڭدىن خەۋەردار بولغان نەرسىلەر ھەققىدە ئېيتىلىدۇ.
«مەزكۇر» دىن باشقىلىرى كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى ئالىدۇ.
بۇ كىتاب مېنىڭ. مۇشۇ كۈنلەردە نەدە يۈرۈسەن. مۇنۇنى ئال. مانا مۇشۇ چاپان چىرايلىق ئىكەن. ئۇشبۇ خەت ئاكام توختىغا تەگسۇن. مەزكۇر پىلاننى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۆرسىتىش ئالمىشى؛ يېقىننى، يېقىندىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇ، ئاشۇ
كۆرسىتىش ئالمىشى؛ يىراقنى، يىراقتىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇ قۇلاقتىن كىرىپ بۇ قۇلاقتىن چىقىپ كېتىپتۇ. بۇنى بىلمىگەن ئۇنى بىلەر. ئاشۇ كۈنلەر ھەممىنى بىزار قىلغان، مۇشۇ كۈنلەردە ھەممە خاتىرجەم.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۇغ، ھور.
ئاشىچ بۇسى _ قازاننىڭ ھورى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق.
3 - 286
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۇ.
بۇ ئەر _ بۇ ئادەم.
3 - 286
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالماش
سۆزلىگۈچىگە يېقىن، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى، ئۇنىڭ يېنىدىكى ياكى قولىدىكى نەرسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللىنىدۇ.
بۇ كىتاب كىمنىڭ؟
سۆز بولۇۋاتقان پەيتنى ياكى ئۇنىڭغا يېقىن ۋاقىتنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ.
بۇ يىل قىش بالدۇرلا چۈشۈپ كەتتى.
ئېيتىپ ئۆتۈلگەن، كۆزدە تۇتۇلغان ياكى ئاڭلىغۇچى يېقىن دەپ ھېس قىلغان ئادەم، نەرسە، ۋەقە، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش ياكى ئۇلارغا ئىشارەت قىلىشتا قوللىنىلىدۇ.
بۇ ماقالە يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ.