Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۇياق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بۇ + ياق
ئىسىم
سۆزلىگۈچى ئىشارە قىلغان ياكى كۆرسەتكەن تەرەپ.
مەرەمنىسا: - گۈلەمخان ئاچا، بۇياققا چىقسىلا، - دەپ توۋلىدى.
<بۇ كىشى، بۇ ئادەم> دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.
- يولداش خەمىت، - دېدى ئادىل بىللە كەلگەن ئادەمنى كۆرسىتىپ، - بۇياق سىزنى ئىزدەپ كەپتۇ.
تەۋەلىك Ⅲ شەخس قوشۇمچىسى بىلەن كېلىپ، <مابەينىدە، بۇ تەرىپىدە> دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
ئۇلار ئىككى - ئۈچ كۈننىڭ بۇياقى سوقىدا يېتىپ، سوقىنىڭ قاتتىق - قۇرۇقلىرىغا خېلى كۆنۈپ قالغانىدى.