Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۇي
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پۇراق، ھىد:
دېدى: ئەي بالام، مەن سۆزۈڭگە قۇلاق-
سالىپمەن، كېلۇر بۇيى دەردۇفىراق.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پۇراق، ئىس، ھىد.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پۇراش ئەزاسى بۇرۇنغا سېزىلىدىغان شەكىلسىز، رەڭسىز نەرسە.
گۈلنىڭ خۇش پۇرىقىدىن باشقا، تىڭىنىمۇ بار. گېزىت خەۋىرى؛ ئامىرىكا ئالىملىرى يېقىندا پۇرقنىڭ ئادەمنىڭ ئەستە قالدۇرۇشقا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. گۈلنىڭ ھىدى رەڭگىدىن ئەمەس. گۈل سولار، ھىدى قالار. چىرالىق گۈلنىڭ خۇش بۇي بولۇشى ناتايىن. يىراقلاردىن گۈللەرنىڭ ئىسى بۇرۇنغا ئۇرۇلاتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
پۇراق، ھىد.
زېمىنغا تۆكۈلگەن ئېسىل ياپراقنىڭ قېتىدىن كېلىدۇ ئاجايىپ بىر بۇي.