Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۇيان
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
بەخت، سائادەت، ياخشىلىق، ساۋاپ. ئەدەپ - ئەخلاق، ئەردەم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىنى ھۇزۇر، ھالاۋەتكە يەتكۈزىدىغان ھالەت، كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇش.
دۇنيادا ئىستىسەڭ بەخت ۋە سائادەت، قىلغىن سەپداشلار دىدارىنى ئادەت. سائادەتنىڭ يولى بىلىم بىلەن ئېچىلار. كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟ تەلەيدە بوڭ - بوڭ. تەلەيگە ئىشەنگىلى بولماس. بىر كىشى ئۈچۈن پەقەت بۇ ھۈنەر ئىقبال ئىشىكىنى ئاچار مۇقەررەر. قوناق كەلدى _ قۇت كەلدى. ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ. ئامەت ئوڭدىن كەلسە، تەلەي دۆڭدىن كېلەر. دۆلەت قۇشى قونماق. قېلىنلىق _ يېرىم دۆلەت. ئوشۇق دۆلەت باشنى يارماس. بىلىڭدە بار قۇۋۋىتىڭ قىلغىن غەيرەت، مۇشۇ ياشلىق زامانىڭ كاتنا بىر دۆلەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ بولغان ۋاقتىنىڭ بۇ يېقى.
ئازادلىقتىن بېرى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى خېلى ئۆستى. پارتىيىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، دېھقانلار ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىۋاتىدۇ. تەتىل تۈگىگەننىڭ مابەينى ئارام ئالماي ئوقۇۋاتىمىز.
بىئولوگىيە
بەخىت - سائادەت؛ تۆھپە
بىئولوگىيە
ياخشى پەزىلەت
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بۇ + يان
تىركەلمە
چىقىش كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن سۆزلەردىن كېيىن كېلىپ، <بېرى، باشلاپ، مابەينىدە> دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ئابلا شەھەرگە كەلگەن ئۈچ يىلدىن بۇيان <زەنجىر تاپان>، <كران> دېگەن لەقەملەر بىلەن ئاتىلىدىغان بولدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
بەخت - سائادەت، ساۋاب، ياخشىلىق. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(قەدىمكى ئۇيغۇرچە)
بەخت-سائادەت، ساۋاپ، ياخشىلىق ۋە مۇشۇ پەزىلەتلەرگە ئىگە كىشى