Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بېرىيە
دائىرە: دۇنيا تارىخى贝利亚
bèi lì yà
(1899 - 1953) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان (1953 - يىلى). گرۇزىيىلىك، دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باكۇ ماشىنىسازلىق مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1917-يىلى وسىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى (بولشېۋىكلار) گە كىرگەن. 1919-يىلى تېخنىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1921-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن ئەزەربەيجان ئەكسىيەتچىلەرنى تازىلاش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، گرۇزىيە، سىرتقى كاپكاز دۆلەتلىك قوغداش ئىدارىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1931-يىلدىن باشلاپ گرۇزىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى، جەنۇبىي كاپكاز چېگرا رايونى پارتكوم سېكرىتارى، بىرىنچى سېكرىتارى بولغان، 1934-يىلى سوۋېت كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1938-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق ھەيئەت ئەزاسى بولغان. 9411-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسىيىسنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسىى بولغان. 1945-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن سوۋېت كومپارتىيىسى (بولشېۋىكۆر) مەركىزىي سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزاسى، مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1953-يىل 3-ئايدا ستالىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن مىنىستىرلەر سوۋېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. شۇ يىلى ئىيۇندا پارتىيىدىن چىقىرىلىپ، ھۆكۈمەتتىكى ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلانغان. دىكابردا ئېتىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.