Uyghurئاساسىي لۇغەت
بېرىيە
دۇنيا تارىخى
(1899 - 1953) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان (1953 - يىلى). گرۇزىيىلىك، دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باكۇ ماشىنىسازلىق مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1917-يىلى وسىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى (بولشېۋىكلار) گە كىرگەن. 1919-يىلى تېخنىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1921-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن ئەزەربەيجان ئەكسىيەتچىلەرنى تازىلاش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، گرۇزىيە، سىرتقى كاپكاز دۆلەتلىك قوغداش ئىدارىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1931-يىلدىن باشلاپ گرۇزىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى، جەنۇبىي كاپكاز چېگرا رايونى پارتكوم سېكرىتارى، بىرىنچى سېكرىتارى بولغان، 1934-يىلى سوۋېت كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1938-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق ھەيئەت ئەزاسى بولغان. 1941-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسىيىسنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسىى بولغان. 1945-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن سوۋېت كومپارتىيىسى (بولشېۋىكۆر) مەركىزىي سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزاسى، مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1953-يىل 3-ئايدا ستالىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن مىنىستىرلەر سوۋېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. شۇ يىلى ئىيۇندا پارتىيىدىن چىقىرىلىپ، ھۆكۈمەتتىكى ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلانغان. دىكابردا ئېتىلغان.