Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بېرىنگېم
دۇنيا تارىخى
伯恩汉
bó ēn hàn
(1850 - 1942) گېرمانىيە تارىخشۇناسى. گامبۇرگدا تۇغۇلغان. 1883 - 1921 - يىللىرى گرايۋوسۋالد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1889-يىلى <تارىخشۇناسلىق مېتودولوگىيىسى> ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئوبيېكتى ۋە ۋەزىپىلىرى، تارىخشۇناسلىق مېتودى، تارىخ ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، تارىخنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە يېزىش قاتارلىق مەسىىللەرنى بايان قىلىپ بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە خېلى كۆپ ئىجادىي قاراشلار بولۇپ، تارىخشۇناسلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. تاكى ھازىرغىچە تارىخشۇناسلىق مېتودولوگىيىسىنىڭ باشلامچىسى دەپ قارالماقتا. بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى بار