Uyghurئاساسىي لۇغەت
بورىس گودۇنوۋ
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 255 -1605) روسىيە پادىشاھى (1598 - 1605). ريورىك سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى چار پادىشاھ فيودور ئىۋانوۋىچنىڭ (1584 - 1598-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان، ئىۋان Ⅳ نىڭ ئوغلى) قېيىن ئاغىسى. فيودور تەختتە ئولتۇرغان ئاخىرقى يىللىرى ئەمەلىيەتتە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى تۇتقان. فيودور ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋارىسى بولمىغانلىقتىن، ئوتتۇرا - كىچىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللاپ - قۇۋەتلىشى بىلەن ئاقسۆڭەكلەر يىغىنىدا چار پادىشاھ بولۇپ سايلانغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى ئىۋان Ⅳ نىڭ دۆلەت ھوقۇقىنى كۈچەيتىش سىياسەتلىرىنى داۋملىق يولغا قويۇپ، چوڭ فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنى بېسىپ، ئوتتۇرا - كىچىك ئاقسۆڭەكلەرنى قوللىغان. شۇنىڭدە قېچىپ كەتكەن دېھقانلارنى ياندۇرۇپ كېلىش ۋە <قەرزدار دېھقانلارنى> قۇل قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق پەرمانلارنى چۈشۈرگەن. بۇ ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ⅩⅦ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى بىر قاتار دېھقانلار قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كۆپ قېتىم ئەسكەر چىقىرىپ، خلوپكو قاتارلىق دېھقانلار قوزىلىڭىنى باستۇرغان. سىرتقا قارىتا، دېڭىزدىن چىقىش ئېغىزىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، 1590-يىلى شۋېتسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، 1595-يىلى سۈلھ شەرتنامىسى تۈزگەن. لىۋونىيە ئۇرۇشىدا قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان فىنلاندىيە قولتۇقى بويلىرى ھەمدە لادوژكا كۆلى بويىدىكى يەرلەرنى قايتۇرۇۋالغان. 1604-يىلى پولشا رويورىك سۇلالىسىنىڭ ۋارىسى دمىترىي (ئىۋان Ⅳ نىڭ كىچىك ئوغلى) نىڭ ئۆلۈمىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، بىر تىران (ساختا دمىترىي Ⅰ) نىڭ قوشۇن تارتىپ پادىشاھلىق ئورۇننى تارتىۋېلىشىنى قوللىغان ھەمدە روسىيىنىڭ ئىچكى قالايمىقانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1605-يىلى 4-ئايدا بورىس گودونوۋ ھاكىمىيىتى موسكۋا شەھەر ئاھالىلىرى قوزغىلىڭىدا ئاغدۇرۇلغان.