Uyghurئاساسىي لۇغەت
بورن
دۇنيا تارىخى
(1824 - 1898) گېرمانىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، ئىسلاھاتچى. ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپكى يىللىرى نابورچىك بولغان. 1846-يىلى ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقىغا قاتنىشىپ، ماركس ۋە ئېنگلېس بىلەن تونۇشقان، كېيىن ئۇلارنىڭ تەسىرى بىلەن كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 1848-يىلى گېرمانىيە ئىنقىلابى پارتلىغاندا، دۆلىتىگە قايتىپ كۈرەشكە قاتناشقان. 8-ئايدا بېرلىندا <ئىشچى بۇرادەرلەر جەمئىيىتى> نى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ژۇرنىلى <بۇرادەرلەر> نىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ تۈزگەن پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردە <كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى> نىڭ تۈپ پرىنسىپلىرى ئۆزگەرتىلىپ، ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسى تەشۋىق قىلىنغان ھەمدە ئىشچىلار ھەرىكىتىنى سىياسىي كۈرەشتىن ئايرىپ، گېرمانىيە ئىنقىلابىنىڭ تۈپكى ۋەزىپىسىدىن چەتلەشتۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنغان. 1849-يىلى 5-ئايدا درېسدېن قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن شۋېتسارىيىگە قېچىپ بارغان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ئىشىچلار ھەرىكىتىدىن ئايرىلغان. <48 ياشلىق بىر ئادەمنىڭ ئەسلىمىسى> ناملىق كىتابى بار.