Uyghurئاساسىي لۇغەت
بورودىنو جېڭى
دۇنيا تارىخى
1812-يىلىدىكى روسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ جەڭنىڭ بىرى. 1812-يىلى روسىيە ئارمىيىسى سىمولېنىسكىنى قولدىن بېرىپ قويغاندىن كېيىن موسكۋاغا چېكىنگەن. فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى روسىيە ئارمىيىسىنى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇرلىغان. شۇ يىلى، يەنە رۇس كالېندارى بويىچە8-ئاينىڭ 42-كۈنى(مىلادى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى)فرانسىيەئارمىيىسى كەسكىن جەڭ ئارقىلىق مۇسكىۋا شەھىرىگە قىستاپ كەلگەن سۈزۈلگەندە كوتوزۇۋ قۇماندانلىقىدىكى روسىيە ئارمىيىسى مۇسكىۋانىڭ غەربىگە 124 كىلومېتىر كېلىدىغان بورودىنو يېزىسىنىڭ ئەتراپىنى تاللاپ، ناپالېئون Ⅰ قوماندانلىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسىنى توسۇغان، ئىككى تەرەپ قاتتىق ئېلىشقان. نەتىجىدە، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى ئۆلگەن، روسىيە ئارمىيسنىڭ 44 مىڭ ئادىمى ئۆلگەن. روسىيە ئارمىيىسىنىڭ 44 مىڭ ئادىمى ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان. شۇ قېتىمكى ئۇرۇشتىن كېيىن روسىيە ئارمىيىسى دەرھال چېكىنىپ، موسكۋا شەھىرىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن.