UyghurMain Dictionary
زىيادە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئارتىش، كۆپىيىش ئارتۇق، كۆپ، ئارتۇقچە، ئارتقان:
رىيادە خۇش بولۇپ كەلدى يەقىنراق،
سەلام ئەتتى ئاڭا سۇلتانى ئافاق.
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئارتماق، كۆپەيتمەك؛ ئارتۇق، كۆپ، ئارتقان: زىيادە ئەتمەك - كۆپەيتمەك، ئارتۇرماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەلگىلىك چەكتىن ئاشقان.
ئۆلۈك داۋلى زىيادە سۆزلەنسە، توغرا سۆزمۇ سەپسەتە بولار. ئارتۇقچە ئامراقلىق ئادەمگە زىيانلىق. تەۋەككۈلنىڭ بىر ناخشىسى ئارتۇق. ئوشۇق دۆلەت باشقا تاج بولماس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سان - مىقدار جەھەتتىن چوڭ.
«مول، ئەلۋەك» ماددىي بايلىق، ئىلىم - بىلىم، تەجرىبە - ساۋاقلار، نازۇنېمەتلەرنىڭ كۆپ ۋە تۈرلۈك ئىكەنلىكىگە قارىتا ئېيتلىدۇ.
«زىيادە، ئارتۇق، ئوشۇق» تېگىشلىك ساندىن ئېشىپ چۈشكەن «كۆپ» كە قارىتىلىدۇ.
«كەرۇ» تۇرپان شېۋىسىدە كۆپ.
كۆپ يۈرگەن كۆپ ياشىغاندىن كۆپ بىلەر. جىق تۇخۇم باسقان مېكىيان بىر چۈجىمۇ چىقىرالماس. نۇرغۇن ھەقىقەتلەر دەسلىپىدە بىھۆرمەتلىك ھېسابلانغان. ئىش تولا، كۆمۈر ئاز. كۇچادا مېۋە ئاۋۇن. سۈيىڭ غول - ھوسۇلۇڭ مول. زىياپەتتە نازۇنېمەتلەر ئەلۋەك ئىكەن. سۈيى ئەلۋەك يەرنىڭ زىرائىتى ئوخشايدۇ. ئۆلۈك سۆز زىيادە سۆزلەنسە، توغرىمۇ سەپسەتە بولار. ئارتۇق بايلىق باش يارماس. ئوشۇق گەپ ئېشەككە يۈك. مول تەجرىبە توپلىماق بەسى مۈشكۈل. تەجرىبە قىلمىشتۇر دانالار بىسيار. دوپپىلىق باش كۇرمىڭنى باشتىن كەچۈرەر. بۇنداق ئىنتزامغا خىلاپ ئىشلار بىزدە ۋاچچىدا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆلچەمدىن، مۆلچەرگە نىسبەتەن ئېشىپ كەتكەن.
كەم
ئۆلچەمگە، مۆلچەرگە نىسبەتەن يەتمەي قالغان.
ئارتۇقىنى ئەل ئالسۇن، قالغىنىنى سەل. ئارتۇق ئۇخلىساڭ، ئاچ قالىسەن. قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق. ئوشۇق ئاش باش يارماس. ئوشۇق گەپ ئېشەككە يۈك. تاماقنى زىيادە يېيىش - تەنگە زىيانلىق. كەم چىققان پۇلغا جاۋابكار تېپىلمايدۇ. كەم بولسا بولسۇن، زىيادە بولمىسۇن.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كۆپ؛ كۆپەيمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
ئەرەبچە
بەلگىلىك مىقداردىن، ساندىن ئوشۇق؛ ئېھتياجدىن، نورمىدىن ئارتۇق، كۆپ.
- رەھمەت، ئىچمەيمەن، ھېلى مەن بىر چىنە زىيادە ئىچىۋەتتىم، - دېدى ئۇ رابىيەمگە.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
زىيادەم، زىيادىگۈل
<زىيادە>