UyghurMain Dictionary
زىيارەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىرەر شەخس ياكى بىرەر مەشھۇر جاينى بېرىپ كۆرۈش، زىيارەت:
زىيارەتكە سەبەبدۇر نېئمەتى كۇبراغە شۇكر ئەتمەك،
بەسەندەست ئۇممەتۇن مۇزنىبەتۇن رەببۇن غە فۇرمەزكۇر.
شەۋقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر شەخس ياكى جاينى بېرىپ كۆرمەك، ئۇنىڭغا سېغىنماق.
«تاۋاپ» تا دىنىي تۈس بار.
«قىلماق» بىلەن پېئىللىشىدۇ.
ھەم زىيارەت، ھەم تىجارەت. دۆلەت رەئىسى ياڭ شياڭكۈن يېقىندا پاكىستان، ئىرانلارنى زىيارەت قىلدى. بۆرىنىڭ تاۋاپ قىلىشىغا ئىشەنمە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مۇقەددەس جاي، چەت دۆلەت ياكى يېقىن - يىراق، مەنزىرىلىك جاي، داڭلىق شەخس ياكى كىشىلىرىنىڭ قەبرىسى قاتارلىقلارغا قارىتا قىلىنىدىغان ساياھەت، ئېكسكۇرسىيە.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەھمۇد كاشىغەرى مازىرىغا بېرىپ زىيارەت قىلىش ئارزۇلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
ھۆرمەت ياكى رەسمىيەت يۈزىسىدىن بىرەر شەخس بىلەن كۆرۈشۈش، ئەھۋاللىشىش ياكى بۇ ھەقتە قىلىنغان پاتىھە.
سىز سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن تۇنجى زىيارەت قىلغان كىشى.
<ئەد> خەۋەر - ماقالىلەرگە ماتېرىيال تەييارلاش يۈزىسىدىن مۇخبىرلار بىلەن ئالاقىدار كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت؛ ئۇچرىشىش.
مۇخبىرلىق زىيارىتى.
Rate this entry