UyghurMain Dictionary
زىياپەت ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيىدىكى ئىيول خاندانلىقى دەۋرىدە ئۆكتىچىلەر زىياپەت شەكلىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي كۈرەش ئېلىپ بارغان. ئىيۇل خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، خاندانلىقتىكى ئۆكتىچىلەر جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن بىرلىشىپ، سايلام ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەلەپنامىگە ئىمزاتوپلاش مەقسىتىدە زىياپەت ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. زىياپەتتە، سىياسىي گورۇھلارنىڭ ۋەكىللىرى ئاشكارا نوتۇق سۆزلەش، قەدەھ سۆزى سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن سىياسىي قاراشلىرىنى بايان قىلىىپ، ئىسلاھاتنى تەشۋىق قىلغان. بۇنىڭغا قاتناشقۇچىلار بەزىدەبىرنەچچە يۈزگە، كۆپ بولغاندا مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. 1847 - يىلى كۈزدىكى ئىككى ئايدىلا، فرانسىيە بويىچە 70 قېتىم زىياپەت ئۆتكۈزۈلگەن، بۇنىڭغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 17 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ھەرىكەت جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەبىقىلىرىنى جەلىپ قىلغان، ئىشچىلار ۋەكىللىرىمۇ ئۆز زىياپىتىنى ئۇيۇشتۇرغان. ئەسلى 1848 - يىل 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان زىياپەتنى ھۆكۈمەت چەكلەپ قويغان، زۇ ھال فېۋرال ئىنقىلابىغا سەۋەب بولغان.