UyghurMain Dictionary
ئىسىت
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
بىرەر ئىش ياكى نەرسىگە قارىتا قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى، پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
- ئىسىت، سىز بىلەن ئۆتكەن ئۆمرۈم، ئىسىت سىزگە قىلغان ئەقىدەم! - زەينەپ ئەسەبىيلەشكەن ھالدا ۋارقىرىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كىشىلەرگە قويۇلىدىغان شەخسىي نام، ئات.
ئىسىم قويماق.
ئالدىرىغاندا ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپتۇ (ماقال).
<تىل> ئادەم ۋە شەيئىلەرنىڭ نامىنى بىلدۈرۈپ كېلىپ، <كىم>، <نېمە>، <قەيەر> دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بولۇپ كېلەلەيدىغان سۆز ۋە شۇنداق سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆز تۈركۈمى.