UyghurMain Dictionary
ئىسورىيە خانلىقى
دۇنيا تارىخى
ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى خانلىقى (717 - 802). بۇ خاندانلىقنى قۇرغۇچى لېئو Ⅲ كىچىك ئاسىيانىڭ جەنۇبىي تاغلىق رايونىدىكى ئىسورىيىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. خاندانلىق ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە ھەربىي رايون تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، جايلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن؛ مۇددەس سۈرەت، ھەيكەللەرنى بۇزۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، چېركاۋ ۋە مەسچىت، ئىبادەتخانىلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرگە ۋە پادىشاھنىڭ يېقىن - يورۇقلىرىغا بۆلۈپ بەرگەن؛ ئەرەبلەرنىڭ كونىستانتىنوپولغا بولغان ھوجۇمىنى چېكىندۈرگەن ھەمدە كىچىك ئاسىيا ئەتراپىدىكى زېمىنىنى ساقلاپ قالغان. مىلادى Ⅵ - Ⅶ ئەسىرلەردە ماكېدونىيە ۋە يۇنان يېرىم ئارىلىغا تۈركۈم - تۈركۈملەپ كۆچۈپ كەلگەن سلاۋىيانلارنى بويسۇندۇرغان. ئىسورىيە خانلىقىنىڭ پادىشاھلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللىرى: لېئو 3 (717 - 741)، كونستانتىن 5 (741 - 775)، لېئو 4 (1775 - 780)، كونستانتىن 6 (780 - 797) ۋە ئېرىنا (797 - 802). ئاخىرقى ئايال كورۇل ئېرىنا ئوردا ھەربىي ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ تاشلانغان.