UyghurMain Dictionary
ئىسو ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ماكىدونىيە پادىشاھى ئالېكساندر بىلەن پېرسىيە پادىشاھى دارىئۇس Ⅲ ئوتتۇرىسىدا بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇش. مىلادىدىن 333 يىل ئىلگىرى سىلسىيە (كىچىك ئاسىيادا) چېگرىسى ئىچىدىكى ئىسو دېگەن جاينىڭ ئەتراپىدا بولغان. ماكىدونىيە لەشكىرى تەخمىنەن 30 - 40 مىڭ كىشى، پېرسىيە لەشكىرى تەخمىنەن 100 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگ پايدىلىق ئىستىھكامىغا ئىگە بولغان. لېكىن ئالېكساندر ئەسكەرلىرىنىڭ روھىنى كۆتۈرۈپ، كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پېرسىيە لەشكەرلىرىنىڭ ئىستىھكامىغا شىددەت بىلەن ئېتىلغان. پېرسىيە لەشكەرلىرى تىرىپىرەن بولۇپ چېكىنگەن، ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈكى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن. دارىئوس Ⅲ ئالاقزادە بولۇپ قېچىپ كەتكەن. ئۇنىڭ بالا - چاقىلىرى ئەسىرگە چۈشكەن. بۇ ئۇرۇش ئالېكساندرنىڭ سۈرىيىگە يۈرۈش قىلىش يولىنى ئېچىپ بەرگەن.