UyghurMain Dictionary
ئىسمائىل بىننى جەئفەر
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدىكى ئىسمائىلىيەلەر ھۆرمەت قىلىدىغان ئىمام. شىئە مەزھىپىدىكى ئالتنچى ئىمام جەئفەر سادىقنىڭ چوڭ ئوغلى. ئىسمائىل ھاراقكەش بولغاچقا، جەئفەر سادىق ئۇنىڭ ئىماملىققا ۋارسىلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن. ئىسمائىل دادىسىدىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتتى، نەچچە يىلدىن كېيىن دادىسى ئالەمدىن ئۆتتى. دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىسمائىلنىڭ ئۇكىسى مۇساكازىم (744 - 799) ئىمام بولدى. ئىسمائىلنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بۇ بۇيرۇقنى قانۇنسىز ھېسابلاپ، مۇساكازىمنىڭ يەتتىنچى ئىمام ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىدى. ئىسمائىل ئۆلمىدى. غايىب بولدى، دېدى. ئۇ يەتتىنچى ئىمام (ئاخىرقى ئىمام) بولغاچقا، شىئە مەزھىپىدە ئۇنىڭ نامى بىلەن بىللە ئاتالغان تارماق مەزھەپ - <يەتتە ئىمامچىلار> شەكىللەندى.