UyghurMain Dictionary
ئىسمائىل
دۇنيا تارىخى
(1830 - 1895) مىسىر ھۆكۈمرانى (1863 - 1879). ياش ۋاقتىدا فرانسىيىدە ئوقۇغان، ياۋروپانى ساياھەت قىلغان. 1863- يىلى مىسىرغا باش ۋالىي بولغان، 1867 - يىلى خېتىپ دەپ ئاتالغان. ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە، چەت ئەلدىن كۆپلەپ قەرز ئېلىپ، سۇۋەيىش قانىلى، تۆمۈر يول ۋە پورتلارنى ياسىغان، خان جەمەتى خالىغانچە بۇزۇپ - چېچىپ، چەت ئەل كاپىتالىستلىرى زور ئۆسۈم ئۈندۈرۈۋالغانلىقتىن، مالىيەسىنىڭ سۇنغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبور بولغان. 1875 - يىلى سۇۋەيىش قانىلى پاچ چېكىنى ئەنگلىيىگە سېتىپ بەرگەن. 1876 - يىلى <ياۋروپالىقلار كابېنتى> تەشكىللەپ، ئەنگلىيىلىك ۋىلسۇننى مالىيە ۋەزىرلىكىگە، فرانسىيىلىك بلىگنېرسنى تەمىرات ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىگەن. 1879 - يىلى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئوسمان ئىمپېرىيىسى سۇلتانى ئىسمائىلنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا قۇترىتىپ، ئۇنىڭ ئوغلى تەۋفىقنى خېتىپ قىلىپ تىكلىگەن.
دۇنيا تارىخى
(1487 - 1524) ئىران سافى خاندانلىقىنڭ قۇرغۇچىسى (1502 - 1524). 1499 - يىلى ئەزەربەيجاننىڭ قىزىلباش (قىزىل ياغلىقلار مەنىسىدە) قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى بولغان. 1502 - يىلى، قوشۇن باشلاپ چىقىپ، ئاق قويۇنلۇ خاندانلىقىنىڭ سۇلتانى ئالۋاندنىڭ قوشۇنىنى يېڭىپ، ئەزەربەيجاننىڭ جەنۇبىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنى <شاھ> قىلىپ تىكلىگەن، تەبرىزنى پايتەخت قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىنى دۆلەت دىنى قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. 1502 - 1508 - يىللىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىراننىڭ زور قىسمى، ئەرمەنىيە، كۇردىستان ۋە ئىراقنى ئىشغال قىلغان. 1510 - يىلى، ئۆزبېكلەرنى يېڭىپ، خوراساننى تارتىۋالغان ھەمدە كۈچىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان. 1514 - يىلى، چالدىران (ھازىرقى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدا) ئۇرۇشىدا ئوسمان ئىمپېرىيىسىدىن يېڭىلىپ، كۇردىستان ۋە ئەرمەنىيىنىڭ غەربىدىن ئايرىلىپ قالغان. مەملىكەت ئىچىدە سودا - سانائەتنى قوغداپ، پەن - مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرغان. ئۆزى شائىر بولۇپ، بىرمۇنچە شېئىرلىرى قېپقالغان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئىبرايچە
ئىسمايىل
ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى، مەنىسى:ئاللانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغۇچى؛ئاللا ئاڭلىدى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(قەدىمكى يەھۇدىيچە)
«خۇدا ئاڭلىدى» ياكى ئاللادىن سورىۋېلىنغان، ئاللا تۆھپە قىلغان بالا. «تەۋرات»تىكى رىۋايەتكە قارىغاندا، ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ خوتۇنى ھەجەر ئاللادىن پەرزەنت سوراپ ئىلتىجا قىلغان. شۇ تۈپەيلىدىن تۇغۇلغان بالىغا ئىسمائىل دەپ ئىسىم قويۇشقان.