UyghurMain Dictionary
ئىسلىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئىسى بار، ئىسى چىقىدىغان ياكى ئىسى كۆپ.
ئىسلىق كۆمۈر.
سۈپ. ئىسلانغان، ئىسلىنىپ قارايغان.
ئىسلىق تام.
ئىسلىق ئۆيۈم - ئىسسىق ئۆيۈم (ماقال).
ئى. ئومۇمەن ئىسرىقدان ياكى شۇنىڭا ئوخشاش ئىچىگە ئىسرىققا ئوخشاش نەرسىلەرنى سېلىپ كۆيدۈرىدىغان نەرسە.
مېڭىش ئالدىدا موماي يەنە بىر دانە ئىسلىقنى قىزىغا بېرىپتۇ - دە، ئۇنىڭغا: كەچ كىرگەن چاغدا مۇشۇ ئىسلىق ئارقىلىق بوغچا ئىچىدىكى نەرسىلەرگە ئوت تۇتاشتۇرۇپ بىر - بىرلەپ كۆيدۈرۈۋەت، - دەپتۇ.