UyghurMain Dictionary
ئىشىك ئالدىدىكى بازار
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە بۇتخانا ياكى ئىبادەتىانىسى ئىچىدىكى ياكى ئىشىك ئالدىدىكى بازار. خراياسۇ دەۋرىدىن مۇروماچى دەۋرىگىچە بەك ئەۋج ئالغان. ئالدى بىلەن دۇڭدا ئىبادەتخانىسى، شىڭفۇ ئىبادەتخانىسى قاتارلىق جايلاردا پەيدا بولغان. ئۇلار ئىسرىقچىلار ۋە يولۇچىلارنى ئوبيېكت قىلىپ، مېھمانخانا ۋە سودا دۇكانلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. كېيىن بارا - بارا بازار بولۇپ قالغان. مەسىلەن: ئىسىي بۇتخانسىدىكى يۇجى تاغلىق ئېتىزلىرى، يەنلى ئىبادەتخانىسىدىكى بەنبىن، زەنچى (ھازىرقى كاگاۋا ناھىيىسى) دىكى چىنداۋبىرو سارىيىدىكى چىنچىڭ بازىرى قاتارلىقلار. ئىبادەتخانىلار قورۇقلارغا ئىگە بولۇپ، سودىگەرلەر تەشكىلىنىڭ بازار ئاغىسىنى كونترول قىلغاچقا، ئىشىك ئالدىدىكى بازارلاغا قارىتا باشقۇرۇش ئورنىدا تۇراتتى، يېغىلىقتىن كېيىن شەھەر بازىرى، پورت بازىرى ئۇنىڭ ئورنىنى ئالغان. لېكىن ساياھەت قىلىنىدىغان مۇقەددەس جاي سۈپىتىدە، نارا ناھىيىسىدىكى تيەنلى شەھىرى، ئوكاياما ناھىيىسىدىكى جىنگۇاڭ بازىرى يەنىلا مۇشۇ خىلدىكى بازار ئىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تىبا ناھىيىسىدىكى كاندۇ ئىبادەتخانىسىنىڭ چىڭتيەن بازىرى 1954 - يىلى ئەتراپىدىكى ئالتە كەنت بىلەن قوشۇلۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساياھەت شەھىرىگە ئايلانغان.