UyghurMain Dictionary
ئىشىكاۋا تاكوبوكۇ
دۇنيا تارىخى
(1886 - 9121) ياپونيىلىك شائىر، يازغۇچى، ئوبزورچى. مورى ئوكا ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان، كېيىن ئۇقۇشتىن قالغان. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، مۇخبىر بولغان. 1902 - يىلى <چولپان> ژۇرنىلىدا داستانى ئېلان قىلىنغان. 1905 - يىلى <تەلپۈنۈش> ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنىپ، چولپان مەزھىپى ئىچىدىكى مەشھۇر رومانتىك شائىر بولۇپ قالغان. 1910 - يىلىدىكى چوڭ قارشىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن ناتۇرالىزم ئەدەبىياتىنى تەنقىد قىلىپ، تەنقىدىي رېئالىزمغا مايىل بولغان. مۇھىم ئەسەرلىرىدىن: <دوختۇرخانىنىڭ دېرىزىسى> ناملىق ھېكايىسى، ناخشا توپلىمىدىن <بىر ئوچۇم قۇم>، ئوبزوردىن <يېپىق دەۋرنىڭ ھازىرقى ھالىتى>، شېئىر توپلىمىدىن پۇشتەك ۋە ئىسقىرق< قاتارلىقلار بار. كېيىن >تاكۇبوكا ئەسەرلىرى< دىن سەككىز توم نەشر قىلىنغان.