UyghurMain Dictionary
ئىشىك
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئىشىك، قوۋۇق؛ دەرگاھ، ساراي؛ ئۆي، ھويلا؛ تاشقىرى جاي.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەتراپى توسۇق جاينىڭ كىرىپ - چىقىشقا ئالاھىدە قالدۇرۇلغان ئوچۇقلۇق.
<ئىشىك> ئومۇمىي نام، ئاساسەن ئۆينىڭ ئىشىكىنى كۆرسىتىدۇ.
دەرۋازا ھويلا - قورۇنىڭ ئىشىكى.
<قاپقا>، <قوۋۇق> شەھەرنىڭ دەرۋازىسى.
<دەرۋەڭ> خوتەن دىئالېكتىدا <ئىشىك>.
<جولوقوق>.
ئىشىك ئوچۇق بولسىمۇ سوراپ كىر. قەدىرلىك مېھمانغا ئىشىك ئوچۇق. ئوغۇل ئوچاققا قارايدۇ، قىز دەرۋازا مارايدۇ. ھەممە قاپقىنى ئەتكىلى بولار، ئۆلۈم قاپقىسىنى ئەتكىلى بولماس. قوۋۇق چىڭ بولسا، شەھەر ئامان بولار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئۆي، خانا، بىنا، ھويلىلارنىڭ كىرىپ - چىقىدىغان يېرىگە ئورنىتىلغان، ئېچىپ - يېپىپ تۇرۇشقا ماسلاشقان قۇرۇلمىسى.
ئۆينىڭ ئىشىكى. ھويلىنىڭ ئىشىكى. ئىشىك قانىتى. ئىشىكنىڭ بوسۇغىسى.
لۇتپۇللا مۇنىرىدىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى - دە، ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنى ئاچتى.
كۆچمە. بىر مەقسەتكە يېتىش ۋە بىرەر جايغا بېرىش ئۈچۈن يول ئېچىلغان جاي.
تاتارلار بۇ يۇرتقا كېلىپ مەرىپەت ئىشىكى ئاچتى.