UyghurMain Dictionary
ئوخشاش بولمىغان كۆپىيىش
بىئولوگىيە
شەكلى ۋە چوڭ كىچىكلىكى ئوخشاش بولغان ئىككى دانە كۆپىيىش ھۈجەيرىسى (يەنى ئوخشاش شەكىللىك گامېتا) ئۆز ئارا بىرىكىدىغان نىسبەتەن ئاددىي بولغان بىر خىل جىنىسلىق كۆپىيىش ئۇسۇلى. بىر خىل كۆپىيىش ئۇسۇلى كۆپىنچە تۆۋەن دەرىجىلىك جانلىقلار، بولۇپمۇ يۈسۈن ۋە باكتېرىيىلەردە كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، ئۇلوترىكس (ulothrix) يۈسۈنىنڭ ئىككى - جىنىسلىق گامېتىسى شەكىل ۋە چوڭ - كىچىكلىك جەھەتتە ئوخشاش بولۇپ، ئاتىلىق گامېتا بىلەن ئانىلىق گامېتىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ. ئۇلارنى پەقەت قوشۇلۇش ۋاقتىدىكى ھەرىكىتىگە قاراپ پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.