UyghurMain Dictionary
ئوخشاش بولمىغان گامېتىلىق كۆپىيىش
بىئولوگىيە
شەكلى ۋە چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ئىككى دانە جىنىسىي ھۈجەيرە (يەنى شەكلى ئوخشاش بولمىغان گامېتا) ئۆز ئارا بىرىكىدىغان بىر خىل جىنىسلىق كۆپىيىش ئۇسۇلى. بۇ كۆپ ھۈجەيرىلىك جانلىقلارنىڭ كۆپىيىش ئۇسۇلى بولۇپ، تاق ھۈجەيرىلىك جانلىقلاردا ئازراق ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئېۋدورىنا (Eudorina) جىنىسلىق كۆپىيىشىدە ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل گامېتا ھاسىل بولىدۇ، ئۇلار شەكىل ۋە چوڭ - كىچىكلىك جەھەتتە روشەن پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى كىچىكرەكى ئاتىلىق گامېتا دەپ ئاتىلىدۇ ۋە كۆپرەك ھەرىكەتلىنىدۇ. يەنە بىرى چوڭراق بولۇپ، ئانىلىق گامېتا دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئاستا بولىدۇ، بىراق نىسبەتەن كۆپ بولغان ئوزۇقلۇق ماددىنى زاپاس ساقلايدۇ.