UyghurMain Dictionary
ئوخشادىم
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەركىلەتتىم، ئويناشتىم.
مەن ئانى ئوخشادىم _ مەن ئۇنى ئەركىلەتتىم، خۇددى ئانىلارنىڭ ئۆز بالىلىرىنى ئەركىلەتكىنىگە ئوخشاش. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ساقاق پىچار ساقال ئوخشار _ ساقالنى ئوينار، ساقاقنى پىچار، ساقالنى ئوينىغان بولۇپ ئېڭەكنى كېسەر. بۇ ماقال يامان نىيىتىنى ھىيلە _ مىكىر بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان كىشىلەرگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ. بۇ سۆز يەنە « بىر نەڭ بىرگە ئوخشادى _ بىر نەرسە بىر نەرسىگە ئوخشىدى»، « ئات ئوخشادى _ ئات ئۇخلىدى» دېگەن مەنىلەردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ سۆزنىڭ «ئۇخلىدى» دېگەن مەنىسى يەمەك، ياباقۇ ۋە بىرمۇنچە كۆچمەن خەلقلەر تىلىغا خاس بولۇپ، پەقەت ئاتقىلا ئىشلىتىلىدۇ ( ئوخشار _ ئوخشاماق).
1 - 372