UyghurMain Dictionary
ئويغاتماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۇيقۇلۇق كىشىلەرنى ئۇيقۇدىن تۇرغۇزماق، ئويغاق ھالەتكە كەلتۈرمەك.
مەنسۇرنىڭ ئانىسى چۇقان كۆتۈرۈپ قوشنىلىرىنى ئويغاتماقتا ئىدى.
كۆچمە. زۇلۇمغان، ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇپ، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان چۈشەنچە ۋە روھنى پەيدا قىلماق ۋە ئۇنى كۈچلەندۈرمەك.
كۈن - تۈن ھەم ئۇيقۇ يوق ۋىجدان ئازابى تېخىمۇ، ئەلنى ئويغاتماق تىلەك ھەر تاڭدا بىر چۇقان بىلەن.
جانلاندۇرماق، جانلىق، جۇشقۇن ھالەتكە كەلتۈرمەك؛ جىمجىت، سۈكۈت ئىچىدىكى ھالىتىنى جانلىق، جۇشقۇن ھالەتكە كەلتۈرمەك.
ئويغىتىدۇ گۈدۈك ئۈن سەھەرنى، داۋام قىلار ھايات يېڭى سەپەرنى.
پەيدا قىلماق، بار قىلماق ياكى كۈچەيتمەك، ئۆرلەتمەك؛ راۋانلاشتۇرماق، ئاچماق.
بالىلارنىڭ سۈرەن - چۇقانلىرى كىشىدە يېزا ھاياتىغا خاس بىر خىل شېرىن تۇيغۇلارنى ئويغىتاتتى.
ئازاد قىلماق، خالىي قىلماق، بىكار قىلماق (ئوي - خىيال ھەققىدە).
ئەكبەرنىڭ سۆزى ھاشىم ئاكىنى ئېغىر خىيالدىن ئويغاتتى.